Chinese→Uyghur主要词典
埃托里亚联盟
دۇنيا تارىخى
ئېتولىيە ئىتتىپاقى
قەدىمكى يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ ئېتولىيە (ئوتتۇرا يۇناندا) نى مەركەز قىلىپ تۈزگەن ئىتتىپاق. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تەرەققىي قىلىپ فىش، بوئېئوتىيىنى ۋە جەنۇبىي يۇناندىكى ئېلىس، مېسسېنىيە شەھەرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئېگېي دېڭىزىدىكى بەزى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگ ئالغان كەڭ ئىتتىپاقى بولۇپ قلاغان؛ ئۇ ماكېدونىيىنىڭ بېسىپ كىرىشىگە بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەمدە ئىتتىپاققا قاتناشقان بەگلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. سىياسىي مەركىزىي ئېتولىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تېرمۇمدا قۇرۇلغان. ئىتتىپاققا كىرگەن بەگلىكلەرنىڭ پۇقرالىرى قاتنىشىدىغان پۇقرالار يىغىنى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، يىلىدا بىر قېتىم چاقىرىلىپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ قىلىش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنى قارار قىلغان ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى سايلىغان. ھەربىي ئىشلار چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان گېنرال تاشقى ئىشلارنىمۇ باشقۇرغان شۇنىڭدەك يەنە ئىتتىپاق كېڭىشىدىن ئىبارەت دائىمىي ئاپپارات قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا ھەرقايسى بەگلىكلەر ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. ئىتتپاققا قاتناشقان بەگلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبورىيىتى ئوخشاش بولغان، ئۇلار مەلۇم ساندا ئەسكەر مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئىتتىپاق بەدىلى تاپشۇرغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ - Ⅱ ئەسىرلەردە دائىم جەنۇبىي يۇناندىكى ئاقائىيە ئىتتىپاقى بىلەن تەسىر دائىرىسىنى تالىشىپ تۇرغان. ماكېدونىيىگە قارشى تۇرۇش ۋە يۇناننىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەريانىدا، ئېتولىيە ئىتتىپاقى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يۇناننىڭ مۇھىم سىياسىي كۈچى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رىم يۇناننى بويسۇندرۇغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن.