Chinese→Uyghur主要词典
埃斯帕特罗
دۇنيا تارىخى
ئېسپارتېرو
(1793 - 1879) ئىسپانىيە ھەربىي ئىشلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئەربابى، گېنېرالى. 1808 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1815 - 1823 - يىللىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەردىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغان. بىرىنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشى (1833 - 1839) دا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كارلوسچىلارغا قارشى تۇرغان. <تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە> نىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان، 1840 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلب دولقۇنىنىڭ قوللىشى بىلەن، باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. 1841 - يىلى 5 - ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن پادىشاھلىقىنىڭ نائىبلىقىغا سايلانغان (كورۇلىۋا ئېسابېل Ⅱ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چېركاۋنىڭ خوجىلىق يەرلىرىنى يىغىۋالغان ۋە دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزگەن، ئۆشرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن مۇتەئەسسىپەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1843 - يىلى 7 - ئايدا نارۋائېز رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. كېيىن ئەنگلىيىدە بىر نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1848 - يىلىدىكى چوڭ كۈچۈرۈمدىن كېيىن ئىسپانىيىگە قايتقان. 1854 - 1856 - يىللىرى ئىنقىلاب داۋامىدا ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن خىزمەتتىن چېكىنگەن