Chinese→Uyghur主要词典
埃塞俄比帝国
دۇنيا تارىخى
ئېفىئوپىيە ئىمپېرىيىسى
ئېفىئوپىيىدىكى Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرگىچە ئۆتكەن فېئوداللىق دۆلەت. Ⅺ ئەسىردە ئۆزىنى مۇسانىڭ ئەۋلادى دەۋالغان زاگۋې قۇرغان. ئۇلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅩⅢ ئەسىردە لىبرانى پايتەخت قىلغان. 1270 - يىلى زاگۋې خاندانلىقى بەگ يېكۇنوئاملاك (تەخمىنەن 1230 - 1285) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، ئاملاك ئۆزىنى پادىشاھ سولومون بىلەن ئايال پادىشاھ سېبانىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، سولومون خاندانلىقىنى قۇرغان. شۇئادىكى ئانموكىبېرنى پايتەخت قىلغان. شۇ چاغدا فېئوداللىق مۇناسىۋەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. يەر راھىبلار، فېئودللارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، دېھقانلار ئېغىر ئىجارە - سېلىق ۋە ھاشارنى زىممىسىگە ئالغان، لېكىن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرىمۇ كۆپلەپ ساقلانغان. سىرتقا قارىتا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان ھەمدە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ⅩⅥ ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتۈرگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، لېكىن ياۋرۇپادىكى خرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئىگە بولالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبتىكى كۆچمەن مىللەت بولغان گاللالارنىڭ شىمالغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىمپېرىيە ئارقىمۇ ئارقا دەپسەندە قىلىنغان. كورۇل فاسىلاداس تەختتە تۇرغان مەزگىلگە (1633 - 1667) كەلگەندە پايتەختىنى گاندارغا يۆتكەپ، بىر مەھەل قايتا گۈللەنگەن. ⅩⅨ - ⅩⅧ ئەسىرلەردە بەگلىكلەرنىڭ تەپرىقچىلىكى، راھىبلارنىڭ ئەدەپ كېتىشى ئارقىسىدا، كورۇل قورچاققا ئايلىنىپ قالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى شۇنىڭ بىلەن كاۋاك تېپىپ كىرگەن. ئىچكى تالاش - تارتىش ۋە مىللىي خەۋپ - خەتەر ئالدىدا، تېئودورې Ⅱ ئىمپېرىيىنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1930 - يىلى سېلاسسې Ⅰ تەختكە چىققان. 1935 - يىلى ئىتالىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئۇنىڭغا پائال قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1974- يىلى سېلاسسې ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە ھالاك بولغان.