Chinese→Uyghur主要词典
爱麦虞限三世
دۇنيا تارىخى
ئېممانۇئېل Ⅲ
(1869 - 1947). ئېتالىيە كورۇلى (1900 - 1946). ئېبتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. نېئاپولدا تۇغۇلغان. نېئاپول شاھزادىسى دەپ ئاتالغان. 1887 - يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. 1896 - يىلى مونتېنېگرو كورۇلىنىڭ قىزى ھېلېننا بىلەن توي قىلغان. 1900 - يىلى دادىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن تەدرىجىي ئايرىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر تەرەپكە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1922 - يىلى مۇسسۇلىننىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىغا قوشۇلۇپ، فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويغان. سىرتقا قىلىنغان تاجاۋۇز ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئىگە بولغاندا، 1936 - 1943 - يىللىرى ئۆزىنى ئېفىئوپىيەنىڭ پادىشاھى داۋالغان، 1939 - 1943 - يىللىرى ئۆزىن ئالبانىيەنىڭ پادىشاھى دۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە، 1943 - يىلى 7 - ئايدا مۇسسۇلىننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلغان، لېكىن ساۋوي خاندانلىقىنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن. 9461 - يىلى 5 - ئايدا ئورنىنى ئوغلى ئېبتو Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئىككىنچى يىلى مىسىردا ئۆلگەن.