Chinese→Uyghur主要词典
埃伦塔尔
دۇنيا تارىخى
ئېرېنتال
(1854 - 1912) ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1906 - 1912). 1895 - 1898 - يىللىرى بۇخارىستتا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1899 - 1906 - يىللىرى پېتېربۇرگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، بالقانغا قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىكنى پائال پىلانلىغان. بوسىنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانى يۇتۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلىتارىستلارنى سېربىيىگە <ئاۋۋال قول سېلىش ئۇرۇشى> قوزغاشقا قۇترىتىپ، 1908 - يىلى بوسىنىيە كررىزىسىنى پەيدا قىلىپ، ئاۋسترىيە - روسىيە مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرغان. 1911 - يىلدىكى ئىتالىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن، 1912 - يىلى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.