Chinese→Uyghur主要词典
埃利亚派
دۇنيا تارىخى
ۋېلىيىچىلەر
قەدىمكى يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىدېئالىستىك پەلسەپە ئېقىمى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ - Ⅴ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ لوككانىيە دېڭىز ياقىسىدىكى يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى ۋېلىيەنى مەركەز قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كولوپوندىن (كىچىك ئاسىيادا) دىن كەلگەن شېنوپانېس مۇشۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسچىسىكەن (باشقىچە گەپمۇ بار). ئادەتتە پارمېنىدېس ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى زېنو بۇ گۇرۇھنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ؛ پارمېنىدېسنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ساموسلۇق مېلىسسوس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا) بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇلار مىلېتۇسچىلار (تالېس قاتارلىقلار) ۋە ئېپسوستىكى ھېراكلىتنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئالەمنىڭ مەنبەسى (ئاساسىي ئامىلى) ماددىي نەرسە ئەمەس، بەلكى ئابستراكىت <مەۋجۇدىيەت> دەپ قارىغان. پارمېنىدېس <مەۋجۇدىيەت> پەيدا بولمايدۇ، يوقالمايدۇ، ئۇنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ يوق، مۇتلەق جىمجىت تۇرىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئوخشاشلىقى قائىدىسىنى، يەنى پىكىر قىلىدىغان نەرسە بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نەرسە بىر ئىش (پىكىر قىلمايدىغىنى مەۋجۇدىيەت بولمايدۇ) دېگەن قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. زېنو پارمېنىدېسنىڭ <مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى> نى ئاقلاش ئۈچۈن، <ئاكىللېسنىڭ تاشپاقىغا يېتىشەلمەسلىكى> ۋە <ئۇچار ئوقنىڭ قىمىرلىماسلىقى> قاتارلىق قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار، ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تەسەۋۋۇر، كىشىلەر ھېس قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولسا خاتا تەسىراتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەزگۈ ئەزالارنىڭ سەزگىنى چىن نەرسە ئەمەس، پەقەت تەپەككۈرلا چىندۇر، دەپ قارىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئىدىيىسىدە يەنىلا ئوبيېكتىپ جەھەتتە پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي ئامىللار بار: تەپەككۈر بىلەن ئۇقۇمنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەپەككۇر بىلەن ھېسسىي مەۋجۇدىيەتنىڭ قارىمۇ - قارشىلىقى ئىچىدە دىئالېكتىكا ئامىلى ساقلانغان؛ ئۇ سەزگۈ ئەزالارغا ئىشەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاتوم نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالار سېزەلمەيدىغان نەرسىلەر ئىچىدىن مەۋجۇدىيەتنى ئىزدىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئۇ ئاساسىي چىنلىقنىڭ يەككە بىرلىكىنى ئىزدىنىپ، پەيلاسوپلارنىڭ ماھىيەتنى تاسادىپىيلىقتىن ئايرىپ قارىشىغا ياردەم بەرگەن. ۋېلىيچىلەرنىڭ <مەۋجۇدىيەت نەزەرىيىسى> گە، شۇنىڭدەك باشقا ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.