Chinese→Uyghur主要词典
埃雷迪亚
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
āi léi dí yà
خېرېدىيە
دۇنيا تارىخى
ھېرېدىيە
(1803 - 1839) كۇبالىق شائىر ۋە مۇخبىر. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1812 - يىلى كاراكاسقا بېرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1817 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئادۋوكات، پروفېسسور بولغان. 1823 - يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقانلىقتىن ئۆمۈرۋايەتلىك سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1825 - يىلى مېكسىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مېكسىكا پارلامېنتى ۋە سوتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە <مېكسىكا ژۇرنىلى> نى چىقارغان. 1839 - ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن ئۆلگەن. ئۇ، لاتىن ئامېرىكىسى رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <سەرگەردانلار قوشىقى>، <چولۇلا مۇنبىرىدە> ۋە <نىئاگارا> قاتارلىقلار بار.