Chinese→Uyghur主要词典
埃兰人
دۇنيا تارىخى
ئېلامىلار
ئىران ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئاھالە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سېم تىلى ياكى ھىندى - ياۋرۇپا تىلى سىستېمىسىغا كىرمەيدۇ، شەرقىي بەلۇجىستاندىكى قەدىمكى ئاھالە بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى ھازىرقى كاركخې دەرياسى بىلەن كارون دەرياسى ۋادىسى (ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسى)غا تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېرلار، ئاققادلار ۋە بابىلونلار قويۇق كەلدى - باردى قىلىپ تۇرغان ھەمدە پات - پات ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يېرىمىدا، دۆلىتى روناق تېپىپ، زېمىنى پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونغىچە يەتكەن، سۇسانى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىسى تەۋەسىگە قوشۇلغان. ئېلاملارنىڭ مەدەنىيىتى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ يېزىقىنىڭ بىر قىسمى ۋادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ يېزىقىنىڭ بىر قىسمى يېقىنقى يىللاردا يېشىلدى، لېكىن ئۇنىڭ قايسى تىل سىستىمىغا كىرىدىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايۋاتىدۇ.