Chinese→Uyghur主要词典
埃卡留斯
دۇنيا تارىخى
ئېككارىئۇس
(1818 - 1889)، گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ماشىنىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، 1846 - يىلى لوندوندا كوممۇنىزمچىلار ئاخبارات كومىتېتىغا قاتناشقان. 1847 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1850 - يىلى ئىتتىپاق پارچىلانغاندىن كېيىن، ماركس، ئېنگېلس باشچىلىقدىكى مەركىزىي كومىتېت كۆپچىلىكنى ھىمايە قىلىپ، ۋىللىخ - شاپپېر مەزھىپىگە قارشى تۇرغان. 1864 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. 1867 - 1871 - يىللىرى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 60 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ماركسىزمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.