Chinese→Uyghur主要词典
埃尔.达清文化
دۇنيا تارىخى
ئېل تاجىن مەدەنىيىتى
مېكسىكىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كلاسسىك دەۋر مەدەنىيىتى. ئۇنىڭ تىپىك خارابىسى مېكسىكىدىكى ۋېراكرۇز شتاتىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بابەنتىرا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان ئېل تاجىندا. خارابە بىر دىنىي مەركىزىي شەھەر بولۇپ، ھەيۋەتلىك جايلاشتۇرۇلغان. كۆلىمى تەخمىنەن 12 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەركىزىي قىسمىدا نۇرغۇن ئىبادەتخان، ساراي ۋە توپ مەيدانى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار بار. ئىبادەتخان بىناسى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەي شەكىللىك <ئېھرام> بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18 مېتىر كېلىدۇ، تۆت ئەتراپىدا جەمئىي 365 تەكچىسى بار، ئۇ بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدىكى ئىلاھنىڭ سىمۋولى. <تاش تۈۋرۈك خانىقاسى> تاشتىن قوپۇرۇلغان ئېگىز سۇپىدا قاتار تىزىلغان غايەت زور تاش تۈۋرۈك بولۇپ، پۈتكۈل تاش تۈۋرۈككە چەۋەندازلارنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان، ئۇ تاشلار خانىقانىنىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان تاش ئويمىچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپىنچە غەلىتە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئۇيۇلغان ھەمدە نۇرغۇن مۇرەككەپ نەقىشلەر ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس ياكى دىنىي مۇراسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق بولغان. يەنە بىر خىل <كۈلكە چىراي> ساپال ھەيكەل بار.