Chinese→Uyghur主要词典
爱德华三世
دۇنيا تارىخى
ئېدۋارد Ⅲ
(1312 - 1377) ئەنگلىيە پلانتاگېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1327 - 1377). 15 يېشىدا تەختكە چىققان، ئانسى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. 1330 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1337 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1340 - يىلى 6 - ئاديا سىلوس دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە فلوتىنى تارمار قىلىپ، ئىنگلىز بوغۇزىنى تىزگىنلىگەن. 1346 - يىلى 8 - ئايدا، كىرېسى جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقۇزغان، كەينىدىنلا كالايىس پورتىنى ئىشغال قىلغان. 1356 - يىلى 8 - ئايدا پوئىتىئې جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ نى ئەسىر ئالغان. 1360 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيە بىلەن <برېتىن سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوجىلىق يېرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن. 1348 ـ يىلى چۇما كېسىلى تارقىلىپ كېتىپ ئەمگەك كۈچى بەك ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، فېئودال خوجىدارلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1349 - يىلى يارلىق ئېلان قىلىپ، ئەمگەك كۈچى بار تۇرۇپ تىرىكچىلىك يولى تاپالمايۋاتقانلارنى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق خېرىدارغا چۇما كىسەللىكى تارقىلىشتىن ئىگلىرىكى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ياللىنىشقا مەجبور قىلغان، خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىغان. 1351 - يىلى يەنە پارلامېنتقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ <ئەمگەك قانۇنى> ماقۇللاتقان، ئۇنىڭدا ياللانما پەرمانغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قوۋۇق سېلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگە. 60 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، فرانسىيگە قارشى ئۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىپ، باج - سېلىق ئېغىرلاشقان، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق تېخىمۇ نارازى بولغان، كاتولىك دىنىغا قارشى بولغان <لوللاردچىلار> ئەۋج ئالغان.