Chinese→Uyghur主要词典
阿耳忒弥斯
دىن
ā ěr tè mí sī
希
ئارتېمىس، ئىلاھە ئارتېمىس (گرېتسىيە دىنىدىكى ئىلاھە)
دۇنيا تارىخى
ئارتېمىس
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوۋچىلىق مەبۇدىسى. رىم ئەپسانىلىرىدە دىئانا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ زېۋىس بىلەن لېتودىن تۇغۇلغان بولۇپ، قۇياش خۇداسى ئاپوللون بىلەن قوشكېزەك ئاكا - سىڭىل ئىكەن. تاش - ئورمانلاردىكى ئوۋچىلىقنى باشقۇرىدىكەن، ئاياللارنىڭ تۇغۇتىغا غەمخورلۇق قىلىدىكەن، ئۆسمۈر قىز - ئوغۇللارنىڭ ھامىيسى ئىكەن، ئۇ پاك - ئىپپەتلىك قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كەڭ چوقۇنۇشىغا ئېرىشكەنىكەن. ئۇ دائىم قولىدا ئوقيا تۇتۇپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىكەن. كېيىن يەنە ئاي خۇداسى دەپمۇ ئاتالغان، كىچىك ئاسىيادىكى ئېفسوس شەھىرىدە ئارتېمىس ئۈچۈن مەبۇدە ئىبادەتخانىسى ياسالغان، ئۇ قەدىمكى زاماندىكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.