Chinese→Uyghur主要词典
阿尔伯特
دۇنيا تارىخى
ئالبېرت
(1798 - 1849) ساردىنىيە كورۇلى (1831 - 1849). ساۋوييا خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. 1821-يىلى پېمونتتا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا نايىب بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن خان جەمەتىنى ياراشتۇرغۇچى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلماقچى بولغان، لېكىن قارشىلىققا ئۇچراپ فلورېنسىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1831-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتالىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىمەكچى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ئاستىدا ئاساسىي قانۇن (يەنى <ئالبېرت نىزامى>، <1848-يىلدىكى پېمونت ئاساسىي قانۇنى>غا قارا) ئېلان قىلغان، لېكىن يەنە ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىن قورقۇپ، مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇش سىياستىنىنى يولغا قويغان، شۇڭا ئۇ <تۇراقسىز پادىشاھ> دەپ ئاتالغان. 1848-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەچكە، 7 - ئايدىكى كۇستوسا جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا ساردىنىيە ئارمىيىسى نوۋارادا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەختنى ئوغلى ئېممانۇئېل Ⅱ گە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە پورتۇگالىيىگە قېچىپ كەتكەن.