Lughet
词典中文珊瑚
ChineseUyghur主要词典

珊瑚

گىئولوگىيە,سودا,تەبىئىي جۇغراپىيە,ئۇنىۋېرسال shān hú مارجانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى shān hú كورال بىئولوگىيە مارجان ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى، مارجانلار سىنىپىدىكى ھايۋانلار ئاجرىتىپ چىقارغان ھاك ماددىلىق سۆڭەكلەردۇر. مارجانلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىدا مېدۇزا تىپىدىكى ئەۋلادى كۆرۈلمەي، گىدرا تىپىدىكى تۈزۈلۈشىلا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئىندىۋىدى <مارجان قۇرتى> دېيىلىدۇ، باسال تەخسىسى ئارقىلىق مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، ئەركىن تەرىپى ئېغىز تەخسىسى بولۇپ، ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدا ئوتتۇرىسى كاۋاك سېزىش بارماقلىرى بولىدۇ، سانى سەككىز ھەم ئالتە ياكى ئالتىنىڭ ھەسسە سانىغىچىلىك بولۇپ، ھەزىم قىلىش بوشلۇقىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنىغا كەتكەن بۆلگۈچ پەردىلىرىنىڭ سانى سېزىش بارماقلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. سېزىش بارماقلىرى ۋە بۆلگۈچ پەردىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن سەككىز تارماقلىق مارجانلار ھەم ئالتە تارماقلىق مارجانلار دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مارجان تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ كۆپ قىسمى كالتسىي ماددىسى ياكى مۈڭگۈز ماددىلارنى ئاجرىتىپ سۆڭەك يىڭنىلىرى ياكى سۆڭەك ياپراقچىلىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ، بەزى سۆڭەك يىڭنىلىرى ياكى سۆڭەك ياپراقچىلىرى قوشۇلۇپ ئوتتۇرا ئوق سۆڭىكىنى شەكىللەندۈردىۇ (مەسىلەن، قىزىل مارجانلار)، بەزىلىرى كالتسىي ماددىلىق تەگلىك (مارجان ئورۇندۇقى) نى شەكىللەندۈرىدۇ (مەسىلەن، تاش چېچىكى). كولونىيىلىشىدىغان تۈرلىرى بىخلىنىپ كۆپىيىش ئۇسۇلىدا داۋاملىق كۆپىيىۋاتقاندا، ھەرقايسى ئىندىۋىدلارنىڭ سۆڭەكلىرى بىرلىشىپ پۈتۈن كولونىيىدە بىرلىككە كەلگەن مۇستەھكەم سۆڭەك شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ سۆڭەكلەر شاخسىمان ياكى ياپىلاق تاختىسىمان شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ. مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى مۇشۇ مارجان قۇرتلىرىنىڭ كالتسىي ماددىىق (ھاك ماددىلىق) سۆڭەكلىرىنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مارجان ئاراللىرى ۋە نەنشا تارقىم ئاراللىرىنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان مارجان خادا تاشلىرىدىن شەكىللەنگەن ئاراللاردۇر.
Rate this entry

该词在其他来源中的释义

珊瑚ChineseEnglishGetWord 语料库珊瑚ChineseUyghurGetWord 语料库珊瑚ChineseEnglish主要词典珊瑚专业术语珊瑚ChineseUyghur专业术语

相关词

珊瑚樱ChineseUyghur珊瑚海ChineseUyghur珊瑚杯ChineseUyghur珊瑚虫ChineseUyghur珊瑚冠ChineseUyghur珊瑚礁ChineseUyghur
← 搜索