Lughet
词典中文消费
ChineseUyghur主要词典

消费

دۇنيا تارىخى ئىستېمال ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، خام ئەشيا ۋە يېقىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ سەرپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شەخسىي ئىستېمال كىشىلەرنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنى سەرپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئىستېمال كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بەلگىلىنىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قارىمۇ - قارشى بىرلىك مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىستېمالى جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ، شەخسىي ئىستېمال جەريانى ئەينى ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال بىر - بىرىگە بېقىنىدۇ؛ بىرى - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇئەييەن شارائىتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ، يەنى بىر - بىرىنىڭ قارشى تەرىپىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى زىدددىيەت ۋە قارىمۇ قارىشىلىق ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرگە ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئانتاگونىيىلىكى كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي كرىزسىدا ئەڭ روشەن مەلۇم بولىدۇ. سوتىسيالىزم جەمئىيىتى پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن تاۋار ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى ئانتاگونيىلىك زىددىيەتنى يېڭىپ، خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. ئېلېكترون، ئۇچۇر xiāo fèi ئىستېمال قىلماق، سەرپ قىلماقDقانۇن xiāo fèi ئىستېمال، ئىستېمال قىلىشDپۇل - مۇئامىلە xiāo fèi ئىستېمالDئۇنىۋېرسال xiāo fèi ئىستېمال قىلماق؛ ئىستېمال، خىراجەت قىلماق، سەرپ قىلماق Dسودا xiāo fèi ئىستېمال، ئىستېمال قىلىش
Rate this entry

该词在其他来源中的释义

消费ChineseEnglishGetWord 语料库消费ChineseUyghurGetWord 语料库消费ChineseEnglish主要词典消费专业术语消费ChineseUyghur专业术语

相关词

消费量ChineseUyghur消费品ChineseUyghur消费额ChineseUyghur消费国ChineseUyghur消费率ChineseUyghur消费者ChineseUyghur
← 搜索