Lughet
词典中文斯特拉波
ChineseUyghur主要词典

斯特拉波

تارىخ sī tè lā bō سىترابو دۇنيا تارىخى سترابون (تەخمىنەن مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى - تەخمىنەن مىلادى 21 - يىلى). قەدىمكى يۇنانلىق جۇغراپىيەشۇناس. كىچىكئاسىيادىكى پونتوس (قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا)نىڭ ئامىئاسىيا دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ياخشى تەربىيە ئېلىپ،گرامماتىكا بىلەن پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ساياھەت قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 20 -يىلدىن كېيىن رىمدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 47 توملۇق <تارىختىن ئومومىي مەلۇمات> دېگەن ئەسەرنى يازغان. بۇ كىتاب پولىبوس تارىخ كىتابىنىڭ داۋامى بولۇپ، تەخمىنەن ئاكىتوم جېڭى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 31 - يىلى)غىچە يېزىلغان؛ ئەمما ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. ھازىر ئۇنىڭ <جۇغراپىيە> دېگەن كىتابى(17 توملۇق بولۇپ پەقەت 7 - تومىلا يوقىلىپ كەتكەن) ساقلانماقتا؛ بۇ كىتاب ئالدىنقىلار (مەسىلەن: ئېراتوستېنېس قاتارلىقلار)نىڭ ماتېرىياللاردىن كەڭ پايدىلانغان. قەدىمكى زاماننىڭ مۇھىم جۇغراپىيە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تومى كىرىش سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز تومىدا ياۋرۇپا ۋە برىتانىيە، ئالتەتومىدا ئاسىيا يېزىلغان؛ ئەڭ ئاخىرقى 17 -تومىدا مىسىر بىلەن لىۋىيە بايان قىلىنغان. ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، بايلىقى، ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىقلار، رايوننى بىرلىك قىلغان ھالدا بىرقەدەر سېستىمىلىق يېزىلغان ھەمدە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چۈشۈندۈرۈشكە تىرىشقان، مەسىلەن: رىمنىڭ گۈللىنىشىنى ئىتالىيىنىڭ يەر شەكلى، كلىماتى قاتارلىقلار بىلەن چۈشەندۈرگەن. <جۇغراپىيە>نىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى رايون جۇغراپىيىسى تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تەسىرى بولغان، شۇنداقلا قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Rate this entry

相关词

斯特拉ChineseUyghur斯特拉班ChineseUyghur斯特拉东ChineseUyghur斯特拉邦ChineseUyghur斯特拉达ChineseUyghur斯特拉恩ChineseUyghur
← 搜索