Lughet
词典维吾尔语ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى
Uyghur主要词典

ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى

دۇنيا تارىخى ترېنتىنو رايونىدىكى ئىتالىيانلارنىڭ ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى. 1866-يىلى ئىتالىيە پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن بىسمارك قارشى تۇرغانلىقتىن ترېنتىنو يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىتالىيىدە <مىللىي بىرلىك> نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ترېنتىنونىڭ تەۋەلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ماسلىشىپ، مىللىي ھەرىكەتنى باسقان، ھەتتا باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىل 9-ئايدىكى <مۇقەددەس گېرمان شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، ئىتالىيە ترېنتونى قايتۇرۇۋالغان.
Rate this entry

相关词

فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتىUyghurكۆپ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىUyghur
← 搜索