Lughet
词典维吾尔语بېسارابىيە
Uyghur主要词典

بېسارابىيە

دۇنيا تارىخى تارىخىي يەر نامى. قارا دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دنېستر دەرياسى بىلەن پرۇت دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى زاماندا رىم ئىمپېرىيىسى داكىيە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە كېۋسكايارۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مولدوۋا كىنەزلىكى بىلەن بىللە ئوسمان ئىمپېرىيىسى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مولدوۋا كىنەزلىكى بىلەن بىللە ئوسمان ئىمپرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1806 - 1812 - يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1812-يىلى ئىمزالانغان <بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، روسىيە قوشۇۋالغان. 1918-يىلى رومىنىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1920-يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئىمزالىغان پارىژ كېلىشىمنامىسى رومىنىيىنىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغال قىلغان ھەمدە شۇ يىلى 8-ئايدا بېساربىيەنىڭ زور قىسمى بىلەن مولداۋىيە ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوشۇپ، مولداۋاىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، بېسارابىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئوكرائىناغا قوشۇۋەتكەن.
Rate this entry

该词在其他来源中的释义

بېسارابىيەUyghurChinese主要词典

相关词

بۇرابىيەUyghurبابىيەUyghurرابىيەUyghurبىيەUyghur
← 搜索